مۇتەخەسىسلەر ئەسكەرتىپ چوڭ تىپتىكى كىچىك پلانېتا 2182-يىلى يەر شارىغا سوقۇلىشى مومكىن، دېدى

نۆۋەتتە بايقالغان يەر شارىغا ئەڭ يېقىن كىچىك پلانېتىنىڭ نومۇرى ۋە ھەجىمىنىڭ چوڭلۇقى

ئامېرىكا ئالەم ئارا ئۇچۇش ئىدارىسى «ئالتۇن تاش» سىناق قىلغان 1999 RQ36 يەر شارىغا يېقىن قالغان پلانېتا دوپلېرنىڭ سۆرىتى
خەۋەر قىلىنىشىچە، 1999 RQ36 ئىسىملىك بۇ پلانېتىنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى 1/1000 بولۇپ، تەخمىنەن 2200-يىلىدىن بۇرۇن يەر شارىغا سوقۇلىشى مومكىن ئىكەن. بىراق سوقۇلۇش ئىمكانىيىتى ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقىت 2182-يىلى9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىكەن.
بۇ پلانېتا 1999-يىلى بايقالغان بولۇپ، دىئامېتىرى 1800 ئىنگلىزچىدىن ئاشىدىكەن. بۇ پلانېتا ئەگەر يەر شارىغا سوقۇلۇپ كەتسە، يەر شارىنى كەڭ كۆلەمدە زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن. ھەتتا كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش پەيدا قىلىشى مومكىن ئىكەن.
مۇتەخەسىسلەر پلانېتىنىڭ يۆلىنىش ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى چوقۇم 100 يىل بۇرۇن ئىشلىگەندىلا ئاندىن غەلبە قىلىشنىڭ پۇرسىتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، ئەگەر بۇ پلانېتا 2080-يىلدىن كېيىن بايقالغان بولسا، ئۇنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىش مومكىن بولمىغان بولاتتى، دېگەن.
ئۇلار يەنە بۇ پلانېتىنىڭ يەر شارىغا سوقۇلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن، بىراق ئېھتىماللىقى 1/250000 بولغان 2036-يىلى يەرشارىغا سوقۇلىدىغان كىچىك پلانېتا ئاپوخىس (Apophis) تىن خېلىلا يۇقىرى، دېگەن.
پلانېتا تەتقىقات ئويۇشمىسى 2008-يىلى بىر تۈردە مۇسابىقە ئىلىپ بېرىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق لااھىيەلىگۈچى خادىملارنى 2036-يىلى يەرشارىغا سوقۇلىدىغان كىچىك پلانېتا ئاپوخىسنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشۈرىدىغان ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ياساپ چىقىشقا چاقىرغان