
ئامېرىكىلىق ئەر ئۈچ ئۆسمۈرنى رەھىمسىزلەرچە قىينىدى
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدىكى سوت مەھكىمىسى شۇ يەر ۋاقتى 27-ئىيۇل دالاسىلىق 38 ياشقا كىرگەن ئارفۇلېيد.سىندىياگېغا 99 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. چۈنكى ئۇ بىر يىل بۇرۇن ئۈچ نەپەر ئۆسمۈرنى ئۇزاق مەزگىل بىر قاۋاقخانىنىڭ تازلىق ئۆيىگە سولاپ قويۇپ، ئۇلارغا يېتەرلىك يىمەكلىك ئىلىپ كېلىپ بەرمىگەننىڭ ئۈستىگە يەنە باسقۇنچىلىق قىلغان. بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىزچاق ئاچلىقتىن مېڭە يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۈچ بالا سىندىياگې بىللە تۇرغان ئاياللارنىڭ باشقا ئەرلەردىن بولغان بالىسى ئىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ ئۈچ نەپەر بالا ئالدىنقى يىلى يازدا ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان بولۇپ، قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلىنىپ قالغان. ئەڭ كىچىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يېشى ئاران بەش ياش بولۇپ، بايقالغاندا بەدەن ئېغىرلىقى ئاران 13.6 كىلوگىرام كەلگەن.
سوتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆسمۈرلەر سىندىياگېنىڭ قىلمىشلىرىنى بىرمۇ-بىر ئاشكارلىغان بولۇپ، ئۇلار شۇ چاغدا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەن، ئاچ قىلىپ خارلانغان. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا تازلىق ئۆيىگە نىسبەتەن قورقۇنۇچلۇق «ئەسلىمە» قالغان بولۇپ، كىرىشتىنمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان